باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇ بوخۇا سودا-سانائەت تارماقلىرى ئىناۋەت سىستېمىسى ئورناتتى دېدى

2014.03.07 11:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇخبىرلار يىغىنى 6-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ بوخۇا قاتارلىقلار ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جۇ بوخۇا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى يېڭىلاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، ئۇلار ئۈستىگە ئالغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى كارخانىلارنىڭ كونكرېت ئىناۋەت ئۇچۇرىدا يېڭىلىدى. جۇ بوخۇا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز كېيىنكى قەدەمدە ئىناۋەت ئۇچۇرىنى يېڭىلاش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى قانۇن ۋە بەلگىلىمە ئارقىلىق يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر