باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى لى جېجۈن: مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشتە ئاۋۋال مەمۇرلار قوشۇنىنى قىسقارتىش كېرەك

2014.03.06 17:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى جۇڭگو تاشيول قۇرۇلۇشىدىن مەسلىھەت سوراش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى جېجۈن 3–مارت جۇڭگودىكى ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرىنىڭ مائاشى بىرقەدەر تۆۋەن ، لېكىن مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشنىڭ شەرتى مەمۇرلار قوشۇنىنى قىسقارتىپ ، دۆلەت مالىيەسىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ، دېدى .

  يېقىندا ، مەمۇرلارنىڭ مائاش مەسىلىسى ئۈزلۈكسىز قىزىق مەسىلە بولۇپ قالدى . بۇنىڭغا قارىتا لى جېجۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاش تەمىناتى بىرقەدەر تۆۋەن ، دېدى .

  لى جىجۈن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى ، ‹‹لېكىن مائاش ئۆستۈرۈش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ، بۇنىڭدا ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش كېرەك ›› ، ئۇ يەنە ، جۇڭگودىكى مەمۇرلار قوشۇنى ناھايىتى چوڭ ، ئالدى بىلەن مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مەمۇرلار قوشۇنىنى قىسقارتىش كېرەك ، دۆلەت مالىيەسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمىگەن ئاساستا ، ئاندىن مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىش كېرەك ، دېدى .

  دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى 2013–يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2011–يىل ئاخىرى ۋە 2012– يىل ئاخىرى مەملىكەتتىكى مەمۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئايرىم ھالدا 7 مىليون 21 مىڭ ۋە 7 مىليون 89 مىڭ ئىكەن . 2012–يىل ئاخىرى مەملىكەتتىكى مەمۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2008–يىلىغا قارىغاندا 492 مىڭ كىشى كۆپەيگەن .

  لى جىجۈن يەنە مۇنداق دېدى : ‹‹ مەمۇرلار قوشۇنىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر بەك ئالدىراش ، لېكىن يەنە بەزىلىرى ئەستايىدىل ئىشلىمەيدۇ ، شۇڭا مائاش ئۆستۈرۈش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ››.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر