باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بايىن چولۇ: ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى قويۇپ بېرىشتە يېتەرلىك قويۇپ بېرىش ئەڭ مۇھىم

2014.03.06 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بايىن چولۇ 5-مارت مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قاراش كېرەك؟ ھۆكۈمەت ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى قويۇپ بېرىشتە سالماقنى ئاشۇرۇشى كېرەك، مۇھىمى يېتەرلىك قويۇپ بېرىش" دېدى.

  5-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لې كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، بايىن چولۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ــ ئىسلاھات. مەمۇرى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىخچاملىنىپ، ھوقۇق يەنىمۇ قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاپ ئىلىپ بېرىشى بولىدۇ.

  بايىن چولۇ مۇنداق قارايدۇ، بۇرۇن ھۆكۈمەت ئىشلارنى بەك كۆپ باشقۇرۇۋالغان، باشقۇرىدىغان ساھەلىرىمۇ كېڭىيىپ كەتكەن. ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ھوقۇقلارنى قويۇپ بېرىش كېرەك. ھۆكۈمەت ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى قويۇپ بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بازار ۋە جەمئىيەت ھەل قىلالايدىغان ئىشلارنى شۇلارنىڭ قىلىشىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. شۇڭلاشقا، «ھوقۇقنى قويۇپ بېرىش»تە يېتەرلىك قويۇپ بېرىش ئەڭ مۇھىم. (مۇخبىر لى جې، جوڭ چياۋخۇا)
  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر