باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئون مىليون ئادەم، 6 يىلدىن بېرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى تۇنجى قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

2014.03.06 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭىدىن قوشۇلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۆلچەرى كۆپەيتىلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈزلەندى.

  چۈشەندۈرگۈچى: جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور جېڭ گوڭچېڭ

  زىيارەتتە: گېزىتىمىز مۇخبىرى يۈەن چۈەن، ليۇ جىچياڭ

  نىشان نېمىشقا يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ؟

  ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ GDPنىڭ ئېشىشىغا بولغان تايىنىشى بارغانسىرى ئاجىزلىدى، سانائەت قۇرۇلمىسىنىڭ سەرخىللىشىشىغا بولغان تايىنىشى بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ.

  بۇ يىل دۆلىتىمىزدىكى شەھەر-بازارلارنىڭ يىڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى ئون مىليون ئادەم بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن نىشانغا يەنە بىر مىليون ئادەم قوشۇلغان. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى جېڭ گوڭچېڭ مۇنداق قارايدۇ، بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ كۆپلەپ ئىش ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىش ۋە تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈرىدۇ.

  ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىز شەھەر-بازار رايونلىرىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىش ئورنى 13 مىليون بولۇپ، تارىختا يېڭى رېكورت ياراتقان. بۇ يىلقى GDPنىڭ ئېشىشغا بولغان نىشان ئۆتكەن يىلقى بىلەن ئوخشاش، ئەمما، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىش ئورنى كۆلىمى نىشانىدا يەنە ئېشىش بولغان، ئۇنداقتا، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىتلىق شەكىللىنىپ قالامدۇ قانداق؟

  «ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئۆستۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.» جېڭ گوڭ چېڭ مۇنداق قارايدۇ، كەلگۈسىدە ئىش ئورنىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ GDPنىڭ ئېشىشىغا بولغان تايىنىشى بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ، سانائەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشىغا بولغان تايىنىشى بارغانسىرى كۈچىيىدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، سانائەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى كۈنسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ، «ئۆتكەن يىلى، ئۈچىنىچى كەسىپنىڭ كۆلىمى تۇنجى قېتىم ئىككىنچى كەسىپىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى؛ بۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مۇلازىمەت كەسىپلىرىگە بولغان ئېھتىياج ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. ئىككىنچى كەسىپكە سېلىشتۇرغاندا، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوشىدىغان تۆھپىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ.»

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر