باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ چىشەن بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2014.03.06 09:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشەن 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۈرۈشلۈك بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋاڭ چىشەن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: باش مىنستىر لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى پۈتۈنلەي قۇۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى 18-قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يىتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش-پۈتۈن پارتىيەنىڭ زور سىياسىي ۋەزىپىسى. پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىق. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يىتەكلىگۈچىسى، ئىجرا قىلغۇچىسى، تۈرتكە بۇلغۇچىسى، پارتكوم سېكرېتارى 1-مەسئۇل كىشى، رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسىدە پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار، قاتلاممۇ-قاتلام مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئاساسى قاتلام، ئادەملەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، ئەستايىدىل نازارەت قىلىپ، ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنىڭ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر