- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 2-يىغىنى 1130 پارچە تەكلىپنامە تاپشۇرۇۋالدى
2014.03.05 01:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2-مارت مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 2-يىغىنى تەكلىپ گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2-مارت سائەت 17 گىچە 1130 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىنىپ، 627 پارچىسىگە دىلو تۇرغۇزۇلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىلقى تەكلىپلەر ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي-سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق «5 چوڭ قۇرۇلۇش» ئىچىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، پۇل-مۇئامىلە، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئېكولوگىيە مۇھىتىنى قوغداش، پەن-تېخنىكىدا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش، يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش، داۋالىنىش-دورا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق تەرەپلەردىن پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر