- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى: ئاھالىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئالماشقاندا پەقەت ھېساباتى ئالمىشىدۇ، پۇل تاپشۇرۇش يىل چېكى ھېسابلانمايدۇ،
2014.03.05 01:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى تۆنۈگۈن «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋاقىتلىق تەدبىرى»نى ئېلان قىلىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەھەر-بازار خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئالماشقاندا پەقەت ھېساباتى ئالمىشىدىغانلىقى، پۇل تاپشۇرۇش يىل چېكى ھېسابلانمايدىغانلىقى، بىراق شەھەر-بازار خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئالماشقاندا شەخسىي ھېساباتى ۋە پۇل تاپشۇرۇش يىل چېكىنىڭ ھېساب بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشتۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر