باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا جەمئىيەت كۇنمىڭ «3.01» ئېغىر زوراۋانلىق تېرورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىپلىدى

2014.03.03 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يۈننەن كۇنمىڭدا «3.01» ئېغىر زوراۋانلىق تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بۇ ۋەقەنى كۈچلۈك ئەيىپلىدى.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللاپ، رۇسىيەنىڭ بۇنداق چېكىدىن ئاشقان جىنايەتنى قەتئىي ئەيىپلەيدىغانلىقىنى، تېررورلۇققا زەربە بىرىشتە جۇڭگو بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.ب د ت باش كاتىپى بان كىمون بايانات ئېلان قىلىپ، پۇقرالارغا قارىتىلغان بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە بىگۇناھ پۇقرالارنى ناھەق ئۆلتۈرگەن تېررورچىلارنىڭ ھەر قانداق باھانىسىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى، بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر