- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى باشلىماقچى
2014.02.20 14:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك مۇدرىيىتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى 19-فېۋرال يازما تەكلىپ لايىھەسى شەكلىدە چاقىرىلدى. مۇدىرىيەت جۇڭگو نېفىت خىمىيەسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش كەسپىنى ھازىرقى مەبلەغ، قەرزنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، باھالاش ئاساسىدا قايتىدىن قۇراشتۇرۇش بىلەن بىرگە، جەمئىيەت ۋە خۇسۇسىيلار كاپىتالىدىن پاي قوشۇپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تىجارىتىنى يولغا قويۇشقا قوشۇلدى. ئىجتىمائىي ۋە خۇسۇسىي كاپىتالنى كونترول قىلىش نىسبىتى بازار ئەھۋالىغا قارىتا بېكىتىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، تەييار ماينى سېتىش كەسپى جۇڭگو نېفىت خىمىيەسىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىدە پايدىسى كۆپ، مەبلەغنىڭ قايتىپ كېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى كەسىپ. بۇ كەسىپ بۆلىكىدە مۇقىم بولغان تەييار ماي سېتىش تورى بولۇپ، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ سانى بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ تەييار ماي بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر