باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچىمەكتە

2014.02.20 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «يەر شارى پوچتا گېزىتى» نىڭ تور بېكىتىدە 16- فېۋرال ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى «بۇ ئاسىيادىكى پسىخىكا ساغلاملىقى مۇتەخەسسىسلىرىنى گاڭگىرىتىۋاتقان مەسىلە: نېمە ئۈچۈن ئاسىيادە شۇنچە كۆپ ياشانغانلار ئۆلۈۋالىدۇ؟»

  ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە، ئاسىيادىكى 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتىدە ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە رايونلاردا كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، تەيۋەندىكى ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى باشقا ياش قۇرامىدىكىلەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن كۆپرەك بولۇپ، 2010-يىلى ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 38.5 ئادەم ئۆلۈۋالغان. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان 70 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان ئاھالىلەر ئىچىدە، ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدىكى ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى 13.39 ئادەمدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 10 يىلىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە %33.76 كە ئۆرلىدى.

  2011-يىلىدىكى بىر پارچە دوكلاتتا بايقىلىشچە، كەلگۈسىدىكى 20 يىلدا، پسىخىك ساغلاملىق ئەھۋالى تەدرىجىي ناچارلىشىپ، ئاسىيادىكى ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى داۋاملىق ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ بايقىشىچە، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، شياڭگاڭ، ياپونىيە، مالايسىيا ۋە كورىيە، سىنگاپوردىكى ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن يۇقىرى بولىدىكەن. مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، ئۆتكەن 25 يىلدىن بۇيان بايلىق ۋە ئىقتىسادىي ئېشىش بۇ دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئائىلىلەرگە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچى ئاتا قىلغان. بۇ ئەھۋال ئەڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى ئۆلۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.

  ئاسىيادا، مۇتەخەسسىسلەر بۇنى جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە پسىخىك ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ كەمچىللىكىگە باغلاپ چۈشەندۈردى، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ھازىر سانائەتلەشتۈرۈش ۋە نوپۇس كۆپىيىشنىڭ ياشانغانلارغا كەلتۈرىدىغان ئىجتىمائىي بېسىمىغا دىققەت قىلماقتا.

  جۇڭگو 2009- يىلى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، ئۈچ خىل تۇرمۇش ئۆزگىرىشى ئۆلۈۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان: بەدەننىڭ كېسەل بولۇشى ۋە يارىلىنىشى (%59.2)، يېمەك- ئىچمەك ۋە ئۇيقۇ ياكى باشقا كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىدىكى زور ئۆزگىرىش (%37.8)، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق (%34.5). تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىدىن باشقا، شىددەت بىلەن يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرمۇ ياشانغانلارنى «زور زەخمە» گە ئۇچراتماقتا. كىشىلەرنىڭ بەس- بەستە شەھەرگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى ئائىلە بىرلىكى يىمىرىلمەكتە.

  ھازىر، جۇڭگو ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك جىددىي تەدبىرلەرنى قوللانماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە، 2020- يىلىدىن ئىلگىرى ياشانغانلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ياساپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر تۈرلۈك يېڭى سىياسەتتە تېخى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىغان پەرزەنتلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشىغا ئىجازەت بېرىلدى.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو يولغا قويغان بۇ تەدبىرلەر ئەسقاتىدۇ. سىنگاپور بۇنىڭ دەلىلى. 1995-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە، سىنگاپوردىكى ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى ئاسىيا بىلەن ئەكسىچە بولۇپ، يىلسېرى تۆۋەنلىدى، گەرچە بۇنىڭدىن كېيىن ئازراق ئۆرلەش ئالامىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر