- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالاقىدار خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى
2014.02.19 16:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئالاقىدار خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىپ، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدا قاراپ چىقىدىغان تۈرلۈك دوكلات ۋە لايىھەلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2013-يىلدىكى ئاساسلىق خىزمەت ئەھۋالى، 2014-يىدىكى خىزمەتلەرنىڭ دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى توغرىسىدىكى تەكلىپ ۋە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن دوكلات بەردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يازما دوكلات بەردى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دائىم ھەر قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي تەپتىش خەلق مەھكىمىسىنى بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا مۇشۇنداق يىغىنلارنى ئېچىشنى ھاۋالە قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر