باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللىي رايونلار داۋالاش، دورا، ساقلىقنى ساقلاش ئىسلاھاتىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى(2)

2014.02.19 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 4 يىل خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساھىيە نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مۇھەممەت.ياسىن خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلام سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە سايمان شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بىر تۇتاش پىلانلانغان رايون ئىچىدە، باشقا جايلاردا كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئېلىش ھەممىباپ كارتىسى يولغا قويۇلۇپ، ۋاقىتىدا ئاتچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر خەلق ئاممىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

  مۇھەممەت ياسىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەنە بىمارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ سالاھىتى ئېنىق بولمىغان ياكى مۇناسىپ خىراجەتنى تاپشۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەن جىددىي ۋە ئېغىر كېسەل بولغان بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى كۆتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش ئىسلاھاتى ئەلبەتتە ئەنئەنىۋىي داۋالاش، دورىلارغا بولغان يۆلەشكىمۇ ئېتىبار بېرىدۇ. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىچكى مۇڭغۇل بۇ يىل تولۇقلىما بېرىش مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، موڭغۇل تىبابەتچىلىكى مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر