باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللىي رايونلار داۋالاش، دورا، ساقلىقنى ساقلاش ئىسلاھاتىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى(1)

2014.02.19 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داۋالاش، دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشتىكى زور تەدبىر بولۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت سائادىتى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى مىللىي رايونلار داۋالاش، دورا، ساقلىقنى ساقلاش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش قېلىپى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

  2009-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى شىزاڭدا يىلتىز تارتىپ ئاينىشقا باشلىدى. 4 يىل ئىچىدە، پۈتكۈل قارلىق ئىگىزلىكنى قاپلىدى. ھازىر كەڭ خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا داۋالاش ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. 2020-يىلغىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەھەر بازار ئاھالىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىغان ئاساسىي داۋالىنىش ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى 684 ھۈكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئورگىنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى يولغا قويدى. بارلىق ئاساسى دورىلارغا پۇل قوشۇپ سېتىشنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە پەرىقسىز سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. لاسا شەھىرىدىكى 7 ناھىيە، بىر رايون يەنە ئاپتونوم رايونلۇق زاڭزۇ تىبابىتى دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىككىنچى خەلق دوختۇرخانىسى، لاسا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق 3 داۋالاش ئورگىنى بىلەن «لاسا شەھەرلىك شەھەر يېزا داۋالاش قۇتقۇزۇش بىر بېكەتلىك ۋاقىتىدا ھېسابات قىلىش مۇلازىمىتى كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، ھېسابات قىلىش ھالقىلىرىنى ئازايتىپ، شەھەر يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ۋاقتىدا، تېز ۋە قولايلىق داۋالاش قۇتقۇزۇش سىياسىتىنىڭ ئېتىبارىدىن بەھرىمان قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىزاڭنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىلغانلىقىدىن، كىشىلەرنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش داۋالىنىشى تېخىمۇ قولايلىق بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىلا ئەمەس، يېقىندىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى مىللى رايونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ داۋالىنىشتا ھېسابات قىلىش تۈزۈمىدە زور دەرىجىدە يېڭىلىق يارىتىلدى. يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزىي يەنجى شەھىرىدە، داۋالىنىش راسىوتىنى ۋاقىتىدا ھېسابات قىلىش يېڭى تۈزۈمى يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈرىگە قاتناشقان دېھقانلارنى يەنجى شەھەرلىك يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئامبىلاتورىيەسىدە داۋالىنىش كېنىشكىسى ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك نۇقتا بەلگىلەنگەن داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ «يېزا داۋالىنىش كاپالىتى» روجەكلىرىدە بىۋاستا ئاتچوت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر