باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قايتىدىن بېكىتىلدى

2014.02.19 09:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىغا «دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى قايتىدىن بېكىتىش ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقارغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلاردىن ئالىدىغان كەسپىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققى ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكى مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسىدىن ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئەمەلىي ئېرىشكەن دەسمايىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى بەلگىلىك نىسبەت بويىچە دەرىجىگە بۆلۈنۈپ قوشۇلىدۇ ھەم خېيىم-خەتەر ئامىلى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا بېرىپ، ھەق ئېلىش ئىجازەتنامىسىنى يېڭىلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى، بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، ئۆز ئالدىغا ھەق ئېلىش تۈرىنى قوشماسلىقى، ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتمەسلىكى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرمەسلىكى ھەم باھا، مالىيە تارماقلىرىنىڭ نازارىتى، تەكشۈرۈشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر