باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېي كىچىك مۈلۈك ھوقۇقىلىق ئۆي سېلىشنى چەكلىدى

2014.02.17 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال شىجياجۇاڭدىن بەرگەن خەۋىرى: خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردى: ئۆلكە «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقىلىق ئۆيلەر»تىزىملىكى ۋە قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلەر ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقىلىق ئۆي» تۈرلىرىگە بىرتەرەپ قىلىش پىكىرى ۋە بىرتەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقىلىق ئۆي» سېلىش ۋە سېتىش قىلمىشلىرىنى توختىتىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچاباشقارمىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقىلىق ئۆي» تۈرلىرىنى مەلۇم قىلىدۇ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى سېلىپ سېتىلغان، سېلىپ سېتىلىۋاتقان، سېلىنىۋاتقان ۋە سېتىلىۋاتقان، شۇنداقلا قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاش ئالدىدا تۇرغان «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقىلىق ئۆيلەر» ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىدۇ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سېلىش ۋە سېتىش قىلمىشلىرى توختىتىلىدۇ. قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىپ، يېڭىدىن «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقىلىق ئۆي» سېلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ ھەمدە «كىچىك مۈلۈك ھوقۇقىلىق ئۆي» سېلىش ۋە سېتىشنى چەكلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. (جاۋ زىبىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر