باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى قېتىم مەركەزلىك ئېلان قىلىشتا قانداق سىگنال ياڭرىتىلدى؟

2014.02.12 19:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-چېسلا مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى تۇنجى قېتىم جەمئىيەتكە سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىغا ئالاقىدار 10 تۈرلۈك تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ تىپىك دېلولارنىڭ مەركەزلىك ئېلان قىلىنىشى سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئاممىغا زىيان سالىدىغان پارازىتلارنى قەتئىي تازىلاش، مەركەزلىك ئېلان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئۇنسۇرلارنى چۆچۈتۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر بىلەن پاك-دىيانەتلىكى كۈچلۈك قوشۇن بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالىنى ياڭراتتى.

  مەركەزلىك ئېلان قىلىش سىياسىي-قانۇن ئورگىنىنىڭ «قانات ئاستىغا ئالماسلىق» روھىنى نامايان قىلىدۇ

  زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسىسلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا «بۇ قېتىمقى سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تىپىك دېلولىرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىش ناھايىتى دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلدى» دەپ قاراشتى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوۋ خەنخۇا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەركەزلىك ئېلان قىلىش يېقىندا ئېچىلغان مەركەزنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر بىر سىياسىي-قانۇن كادىر ساقچىلىرىغا بېرىلگەن سىگنال بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك رېئال ئەسكەرتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

  مۇتەخەسىسلەر ئەدلىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىلگىرى سۈرۈش تەكلىپىنى بەردى

  مۇتەخەسىسلەر مۇنداق قارىدى: مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى مەركەزلىك ئېلان قىلىشىنى «پاسسىپ جازالاشنى ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزگەرتىش» دەپ قاراشقا بولىدۇ، بۇ خىل ئوچۇق ئۇسۇل ئارقىلىق ئىتىزام ۋە قانۇنغا يوشۇرۇن خىلاپلىق قىلغۇچىلار چۈچۈتىلىدۇ.

  مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمى مۇنداق دېدى: سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپ تىپىك دېلولىرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىشتەك قوشۇن قۇرۇلۇشى تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى ۋە سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك قائىدە-تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلىپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك، ھەر قانداق قانۇن-ئىنتىزامغا سەل قارايدىغان، تەتۈر شامال چىقىرىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدىغان ياكى تەلەي سىنايدىغان، كۆز بوياپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالىدىغانلار پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى بويىچە جازالىنىشى كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر