باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل سەنشى ئۆلكىسىدىكى %50 شەھەر ۋە ناھىيە ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى›› نى ئاشكارىلايدۇ

2014.02.12 17:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ سەنشى ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، سەنشى ئۆلكىسى 2014 – يىلى ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى›› قاتارلىق ئادەتتىكى چىقىملارنى زور كۈچ بىلەن ئازايتىدىكەن ھەم خامچوت ۋە نەق چوتنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى زورايتىدىكەن، ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى››نى ئاشكارىلايدىغان شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سانىنى %50كە كۆپەيتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015 – يىلى سەنشى ئۆلكىسىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خامچوت، نەق چوت ۋە ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى››نى ئاشكارىلايدىكەن.

  2013 – يىلى سەنشى ئۆلكىسى ئادەتتىكى چىقىملارنى خېلى كۆپ ئازايتتى، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار يىلنىڭ بېشىدا يىغىن خىراجىتىنى %20 ئازايتىش ئاساسىدا، %10لىك نىسبەت بويىچە ئادەتتىكى چىقىملارنى ئازايتتى. شەھەرلەرمۇ ئادەتتىكى چىقىملارنى كۆپ ئازايتتى، جۈملىدىن چاڭجى شەھىرى ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى››نى %25، لۈلياڭ شەھىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا كۈتۈۋېلىش خىراجىتىنى %54، شوجۇ شەھىرى يىغىن خىراجىتىنى %44 ئازايتتى. ئۆلكە بويىچە تېجەپ قىلىنغان 349 مىليون يۈەن 100 كىچىك سۇ ئامبىرى ۋە يېزىلاردا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۆيى سېلىشقا ئىشلىتىلگەن.

  سەنشى ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىدىكىلەر مۇنداق دېدى: سەنشى ئۆلكىسى ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى››نى باشقۇرۇش ۋە ئاشكارىلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ يىغىن خىراجىتى، كوماندىروپكا خىراجىتى، تەربىيەلەش خىراجىتى ۋە چەت ئەلگە چىقىش خىراجىتىنى باشقۇرۇش چارىسى، مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ مۈلۈك سەپلەش ئۆلچىمى ۋە مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مۈلۈكنى ئىجارىگە، ئارىيەتكە بېرىش چارىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش تۈزۈملەرنى يولغا قويىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر