باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: 3 ئۆلكىدە ئەر-خوتۇننىڭ بىرى يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى، 9 ئۆلكە تەييارلىق لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2014.02.11 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 10-فېۋرال، مۇخبىر دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بېيجىڭدا چاقىرغان رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىگەن. بۇ يىل، يېڭى يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى داۋاملىق تۈردە %95 ئەتراپىدا ساقلىنىدۇ، سىياسەت دائىرىسىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغانلارنىڭ ئاتچوت نىسبىتى %75 ئەتراپىدا ساقلىنىدۇ. بالىلارنىڭ فېنىل كېتون سىيىش كېسىلى، سۈيدۈك يولى ئاستى يېرىقچىسى كېسىلى قاتارلىقلار ئېغىر كېسەللىكلەر كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  نۆۋەتتە، جېجياڭ، جياڭشى ۋە ئەنخۇيدىن ئىبارەت 3 ئۆلكە «ئەر-خوتۇننىڭ بىرى يالغۇز پەرزەنت بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش» سىياسىتىنى يولغا قويغان، شاڭخەي، جياڭسۇ قاتارلىق 9 ئۆلكە-شەھەر تەلەپ بويىچە تەييارلىق لايىھەسى تەرتىپىنى ماقۇللىغان. بۇ يىل يالغۇز پەرزەنتى مېيىپ بولۇپ قالغان، ئۆلۈپ كەتكەن ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى شەھەر-بازارلاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيىغا 270 يۈەن، 340 يۈەنگە، يېزىلاردا ھەر ئادەم ئۈچۈن ئېيىغا 150 يۈەن، 170 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن.

  تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىH7N9 تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى ۋاكسىنىسىنىڭ ئۇرۇق غولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ۋاكسىنا ئۇرۇق غولى ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋاكسىنا تەتقىق قىلىش ۋە نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە كىرىشكەن، ھەمدە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەرەققىيات ھالىتىگە ئاساسەن ۋاكسىنىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش، بازارغا سېلىش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىگەن. (لى شياۋخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر