- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ نومۇرلار تىزىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىندى
2014.01.29 15:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ نومۇرلار تىزىملىكى بېكىتىلدى: كېچىلىك «چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى دېگەن نېمە؟» ناملىق قىسقا فىلىم بىلەن باشلىنىپ، «ئۇنتۇلماس كېچە» ناملىق ناخشا بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ليۇ خۇەن بىلەن سوفىيە مارسىئاۋ «ئەتىرگۈلدەك ھايات» ناملىق ناخشىنى، لى مىنگاۋ بىلەن يۈ چېڭچىڭ «سۆيمەسكە ئىلاجىم يوق» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلايدۇ، خۇا چېنيۈ قاتارلىق تۆت ناخشىچى تۇنجى قېتىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسىگە چىقىدۇ.
رەسمىي ئېلان قىلىنغان نومۇر تىزىملىكىدە سىز ياقتۇرىدىغان نومۇرلار بارمىكەن؟
30-يانۋار كەچ سائەت 8دە، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى، خەنزۇچە خەلقئارا قانىلى ھەمدە بىرقانچە چەت ئەل تىلى قانىلىدا يەر شارى بويىچە ماس قەدەمدە نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ. ئات يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى كاتتا بايرامدىكى ياخشى ھەمراھىڭىز بولىدۇ. (ۋۇ ياشيۇڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر