باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىمار ئويناشتەك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2014.01.27 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل چاغاننىڭ ئالدىنى كەينىدە بىر قىسىم يەرلەردە قىمار ئويناشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەر كۆپ بولۇش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قىمار سورۇنى ھازىرلاش، توپلىشىپ قىمار ئويناش، توردا قىمار ئويناش قاتارلىق جىنايەتلەرگە، بولۇپمۇ قىمار سورۇنى تەشكىللىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى، پايدىغا ئېرىشكۈچى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى ھىمايىچىسى شۇنداقلا قەرز بەرگۈچى، قىمار سورۇنىغا قارىغۇچى قاتارلىق قىمار جىنايەتچىلىرىگە بىۋاسىتە ياردەم بەرگەنلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، يوشۇرۇن زىيارەتتە بىر قەدەر كۆپ مەسىلە بايقالغان، تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان رايونلار مۇددەت بەلگىلەپ مەخسۇس تەرتىپكە سېلىنىدۇ. خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، بىپەرۋالىق قىلغان مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؛ قىمار جىنايەتچىلىرىنى قوغدىغانلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر