باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شى جىنپىڭنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى سۆزىنى ئۆگىنىش ئۇقتۇرۇشى» تارقىتىلدى

2014.01.26 10:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ 1-تۈركۈمدىكى ئىشلىرىنى يەكۈنلەش، 2-تۈركۈمدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلاردىن سۆزنى ئۆگىنىشنى نۆۋەتتىكى بىر مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلار سۆزنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تەلىپىنى توغرا ئىگىلىشى؛ 1-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، 2-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەلىم-تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، مەسىلە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، قاتتىق تەلەپ قويۇش، تۇتاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرگە بۆلۈپ يېتەكلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى؛ تەلىم-تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نازارەت، تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، تەشۋىقات، يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش بىلەن نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر