باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەن تېخنىكا مۇكاپاتىدىكى بەش چوڭ «ئاچقۇچلۇق سۆزدىن» ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا نەزەر(2)

2014.01.13 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاچقۇچلۇق سۆز: ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ- بۇ يىلقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈر ئىچىدە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ كۈچلۈك ئورۇندا تۇردى، بۇ تۈرلەر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچى بولدى. مەسىلەن: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئېلېكتىرون تەتقىقاتخانىسى كەشىپ قىلغان تۈر تامامەن مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، چەتئەلنىڭ تېخنىكا قاتماللىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا بىيولوگىيەلىك سېنىزوردا ئالدىنقى قاتارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىر قانچە كارخانا ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈپ «يۇقىرى سۈپەتلىك كونترول جابدۇقى ۋە سىستېمىسىنى لايىھەلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇپىسىنى» مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ، چەتئەلنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كونترول قىلىش جابدۇقى بولۇپمۇ سۇپا يادرولۇق تېخنىكىسىنى مونوپول قىلىش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ كەسىپ بىخەتەرلىكى ۋا ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  4-ئاچقۇچلۇق سۆز: ئاساسىي تەتقىقات-دۆلەتلىك تەبئىي پەندە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئۇدا ئۈچ يىل بوش قالغاندىن كېيىن، بۇ يىل ئاخىرى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. مۇتەخەسسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئېلىمىزنىڭ پەن تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاساسىي تەتقىقاتىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلاشقانلىقى، سەۋىيەسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەبئىي پەن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتى تۈرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكاخانىسىنىڭ ئاكادېمىكى جاۋ جۇڭشيەن باشچىلىقىدىكى تۈردە تۆمۈر ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچنىڭ يېڭى بىر تۈردىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ، دۇنيا تەۋەسىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنى قوزغىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئېلىمىز ئالىملىرى يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۈسكۈنە ئۆگىنىش نەزەرىيەسى ۋە ئۇسۇلى، تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى، يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل ھاسىل قىلىشنى تەھلىل قىلىش مېخانىزمى، نامى قۇرۇلمىسى مېتال مېخانىكا ھەرىكىتىنىڭ ئۆلچەم ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتتىكى تەتقىقاتلاردىمۇ مۇھىم ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

  5-ئاچقۇچلۇق سۆز: خەلق تۇرمۇشى پەن تېخنىكىسى- ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان تىبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە بايلىقى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن ئىلغار نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى. مەسىلەن: لى لەنجۈەن قاتارلىقلار تاماملىغان «ئېغىر جىگەر كېسىلىگە دېئاگنور قويۇپ داۋالاش نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش» تۈرىدە ئۆزگىچە ئۈنۈملۈك، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە سۈنئىي جىگەر سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئېغىر جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتىكى قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا زور تۆھپە قوشۇلدى.

  يەنە مەسىلەن مۇھىت ساھەسىدە پاسكىنا سۇنى ئورگانىك ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىش، تاغ جىنسلىرى سىيرىلىپ چۈشۈش گېئولوگىيەلىك ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، دېڭىز ئۈستى ماي قاتلىمىنى ئۆلچەش قاتارلىق نەتىجىلەرمۇ كەڭ دائىرىدە قوللىنىلماقتا؛ قاتناش بىخەتەرلىكىگە قارىتا ئالىملار ماشىنا ھەيدەش مۇھىتىنى سېزىپ بىلىش ۋە كونترول قىلىش ماسلاشقان ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكى يېڭى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭ دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر