باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىلى مەمۇرلار تەرىپىدىن «چەكلەش بۇيرۇقى»يىلى دەپ ئاتالدى

2014.01.13 10:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى مەمۇرلار تەرپىدىن «چەكلەش بۇيرۇقى»يىلى دەپ ئاتالدى. يېقىندا بەزى تاراتقۇلار «مەركەزنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ مەمۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى» ھەققىدە كۆپلىگەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا 100 مەمۇرنى ئارىلاپ زىيارەت قىلغان، نەتىجىدە زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەركەزنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ ئۆزلىرىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشقان، 93 زىيارەت قىلىنغۇچى «مەمۇر بولماق تەسلىشىپ كەتتى» دېگەن، ھەتتا بەزىلىرى «چەكلەش بۇيرۇقى»نىڭ تەسىرىدە، خىزمىتىدىن يۆتكىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر 2013-يىلى كەينى كەينىدىن چىقىرىلغان «چەكلەش بۇيرۇقلىرى» بىر قىسىم مەمۇرلارنى مەمۇر بولماق تەسكەن، دەپ، خىزمەت ئالماشتۇرۇش ئويىغا كەلتۈرگەن بولسا، بۇنى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ياخشى ئىش، دېيىشكە بولىدۇ.

  ئىلگىرى مەمۇرلار ھېيت-بايراملاردىكى تەمىناتلىرى، شېرىنكانە، مال سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىق يۇشۇرۇن كىرىملىرى، پات-پات بولۇپ تۇرىدىغان ھۆكۈمەت پۇلىغا مىھمان كۈتۈپ يەپ-ئىچىشلىرى بىلەن كىشىلەرنى ھەۋەس قىلدۇراتتى. ئۆتكەن يىلى چىقىرىلغان چەكلەش بۇيرۇقلىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى پاكلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن «يەپ كۈنۈپ قالغان» ، «ئەپ كۆنۈپ قالغان» بىر قىسىم مەمۇرلار ئۈمىدسىزلىنىپ ئولتۇرالماي قالدى. ئۇلارنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرماقچى بولغانلىقى مەيلى مۇنداقلا دەپ قويغان ئاغرىنىش بولسۇن، ياكى ھەقىقىي ئىچىدىن چىقىرىپ دىگىنى بولسۇن، بۇنىڭ ئارقىسىغا «يۇشۇرۇن قائىدە»نىڭ كۈچىدىن قالغانلىقى ۋە سوغا قۇبۇل قىلىشنىڭ قايتا ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدسىزلىك يۇشۇرۇنغان.

  خەلق ئاممىسى مەمۇرلارنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە كەسپىگە بولغان تونۇشىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بولسا مەمۇرلارغا قارىتا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك-دىيانەتلىك بولۇش تەربىيەسى بېرىشنى ئەسلا بوشاشتۇرمىدى. بولۇپمۇ مەمۇرلارنى پاك-تەلەپچان بولۇش، ئاددى-ساددا تۇرمۇشقا، قىزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرىپ، قولى ۋە نەپسىنى يىغىۋېلىشنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. تۇتۇلغان خىيانەتچى ئەمالدارلارنىڭ ھەممىسى دۈگۈدەك سوتتا قىلمىشلىرىنى بايان قىلغاندا، «ئۆزۈمگە تەلەپچان بولۇشنى بوشۇتۇپ قويۇپتىمەن»، «ئەمەلدارلىقنىڭ ئاخىرقى چېكىنى يوقۇتۇپ قويۇپتىمەن»، «شىكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى» نى بىلمەي قاپتىمەن، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ پۇشايمان قىلىدۇ.

  ئەمدى بولسا، بۇ كۈلرەڭ ئېزىتقۇلار يوقىتىلدى، ئەمما بىر قىسىم مەمۇرلار، ئىلگىرىكىدەك كىشىلەر دائىم سوغا بېرىپ تۇرىدىغان كۈنلەردىن مىھرىنى ئۈزەلمەيۋاتىدۇ، بۇ كىشىنى مەيۈسلەندۈرمەي تۇرالمايدۇ.

  ئەلۋەتتە، مەمۇرلارمۇ ئوخشاشلا ئادەم، ئۇلارمۇ كىشىلەرنىڭ ھەۋەس قىلىشى، ئۆزلىرىگە خوشامەت قىلىشىغا تەشنا. ئەمما ئۇلار شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككى، مەمۇرلار جەمئىيەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدا بولۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك-دىيانەتلىك بولۇش ھەم كەسپىي تەلەپ شۇنداقلا بۇ ئاۋام خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى، جەمئىيەتنى ئادىل، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ يىتەكلەشتىكى مۇتلەق زۆرۈرىيەت. پەقەت ھۆكۈمەت بىلەن مەمۇرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاددى-ساددا تۇرمۇش كەچۈرسىلا، خەلق ئاممىسىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قائىدا تۈزۈمگە بويسۇنۇش مەمۇرلار شۇنداقلا تۈرلۈك كەسىپلەرگە نىسبەتەن بىر ئەقىللى ئىش. مەمۇرلار ئەسلىدىلا خەلقنىڭ چاكىرى، خىزمەتچىسى. باي بولماقچى بولسىڭىز، ئەمەلدار بولماڭ، چەكلەش بۇيرۇقىغا بويسۇنمىڭىز مەمۇر بولماڭ.

  مەمۇرلار قوشۇنىنى ساپلاشتۇرۇش كېرەك، چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلەر بۇ سەپتىن ئايرىلىشنى تاللىسا بولىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەر مەمۇرلارنىڭ «تۆمۈر تاۋىقى»نى ئەيىپلەپ كەلدى، بىر قىسىم مەمۇرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەتتىن چېكىندى. بۇمۇ مەمۇرلارنىڭ نورمال چېكىنىپ چىقىش مىخانىزمى بەرپا قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا ۋاستىلىق ھالدا بىنورمال «مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش» قىزغىنلىقىنى سوۋۇتۇش رولىنى ئوينىدى. 2014-يىلى مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىششىغا ئەگىشىپ، مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ تېخىمۇ پەك دىيانەتلىك بولۇپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر