باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز تەكشۈرۈلۈپ مۇسادىرە قىلىنغان 6.1 توننا پىل چىشىنى كۈكۈملەپ يوقاتتى(2)

2014.01.09 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈپ مۇسادىرە قىلىنغان پىل چىشىنى ئاشكارا كۈكۈملىشى بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشتىكى قەتئىي مەيدانى ۋە روشەن پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەپ، ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭى تۇرغۇزۇشقا دەۋەت قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوغرىلىقچە ئوۋلايدىغان، ئەتكەس قىلىدىغان ۋە ئېلىپ ساتىدىغان جىنايەتچىلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

  تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۈ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ CITES(يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى) قانۇن ئىجرا قىلىش-ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تاموژنىسى ۋەدە ئاداسىنى باشقۇرۇش ئورگىنى ۋە ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يولۋاس ھەرىكىتى»، «ئادەمسىمان مايمۇن قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى» ۋە «كۆزەينەكلىك يىلان ھەرىكىتى» قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلار ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكەتلىرى قانات يايدۇردى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتى. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، مەملىكەتتىكى تاموژنىلار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلارنى ئەتكەس قىلىش دېلوسىدىن 930نى جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، 1395 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى ۋە ئەيىبلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر