باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا مەشىق ۋەزىپىسىنى تاماملاپ چىڭداۋغا قايتىپ كەلدى

2014.01.02 15:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئاۋىياماتكا لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا جەنۇبىي دېڭىز ساھىلىدىكى37 كۈنلۈك پەن تەتقىقات سىنىقى ۋە مەشىقىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، تۈنۈگۈن چىڭداۋدىكى مەلۇم ھەربىي پورتقا قايتىپ كەلدى. ئۆتكەن يىلى 26-نويابىر مەزكۇر ئاۋىياماتكا جەنۇبىي دېڭىز ساھىلىگە بېرىپ سىناق قىلىنغاندىن بۇيان ئىلگىرى كېيىن بولۇپ دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىش، ئاۋىياماتكىنىڭ قۇرۇلما ئىقتىدارى قاتارلىقلار سىناق قىلىندى، چوڭقۇر سۇ ئاستىدا ئۇنىڭ سۈرئىتى ئۆلچەندى، ئەمەلىي ئۇرۇش شارائىتىدا ئاۋىياماتكا ئۇرۇش سىستېمىسىنىڭ سېزىش ئىقتىدارى، ئۇرۇش قىلىشقا قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى، نىشاننى بېكىتىش ئىقتىدارى، ئۇنىۋېرسال خەۋەرلىشىش، يول باشلاش، ھاۋا رايى كاپالەت ئىقتىدارى، ھاۋادىن باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق 100 تۈرلۈك سىناق ۋە مەشىق ئېلىپ بېرىلدى، ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى، ھەرىكەتلىنىش سىستېمىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇرۇش تاكتىكىسى كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ سىناق قىلىندى.

  سىناق ۋە مەشىق قىلىش جەريانىدا، ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتى، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا يادرو قىلىنغان سەپ تۈزۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتىلدى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار قىسىملىرى نۇرغۇن ئايروپىلانلارنى، پاراخوت ۋە چۆكمە پاراخوتلارنى ئىشقا سېلىپ سىناققا ئۈنۈملۈك ماسلاشتى ھەمدە قىسىمدا ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش مەشىقى ئېلىپ باردى، ئىگەللىنىشىچە، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ كېيىنكى تەتقىقات سىنىقى ۋە مەشىق خىزمىتى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر