باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانىلارنىڭ ئىكىسپورتتا باج قايتۇرۇش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى قاتتىق جازالىنىدۇ

2014.01.02 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2014-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغۇچى ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كەستۈرۈپ ياكى باشقا قوشۇلما قىممەت بېجى تۇتۇپ قېلىش ئىسپاتى ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ ئېكىسپوررتتىن قايتۇرغان باج پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى سادىر قىلىپ، باج ئىشلىرى تارماقلىرى تەرىپىدىن مەمۇرىي جازا بېرىلگەن ياكى ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ ساتقان ماللىرى، تەمىنلىگەن باجلىق ئەمگىكى، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىگە ئۆزگەرتىشتە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مۇلازىمەتتە تۆۋەندىكى سىياسەت ئىجرا قىلىنىدۇ:

  قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئېىلىپلا قايتۇرۇش ياكى ئالدى بىلەن يىغىپ، ئاندىن قايتۇرۇش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج تارماقلىرى مەمۇرى جازا بېرىش قارارى چىقارغان ياكى سوت قىلىش ئورگانلىرى ھۆكۈم چىقارغان ياكى كىسىم كۈچكە ئىگە بولغان ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ 36 ئاي ئىچىدە، يۇقۇرىدا ئېيتىلغان قوشۇلما قىممەت بېجى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇشى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ.

  ئېكىسپورت كارخانىلىرى ۋە باشقا ئورگانلاردا قوشۇلما قىممەت بېجىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئېكىسپورت ماللىرى ئەمگەك مۇلازىمىتى دۆلەت ئىچىدە سېتىش دەپ قارىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنىدۇ. ئىكىسپورتتا باج قايتۇرۇش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار باجنى ئالداپ ئېلىۋېلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان باج تاپشۇرغۇچىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بايقالسا، باج ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرى جازا بېرىش قارارى كۈچكە ئىگە بولغان ئىككىنچى ئايدىن باشلاپ، %50 لىك نىسبەتەن بويىچە، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ دارامەت بېجىغا توغرىلاپ باج چىقىرىۋېتىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ئېغىرلىرىدىن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى دارامەت بېجىگە توغرىلاپ باج چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر