باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭجۇ شەھىرىدە 2 – يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغۇچىلار تۇنجى قېتىم تۆلەيدىغان پۇل %70 تىن كەم بولمايدۇ

2013.11.27 16:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆي – مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، گۇاڭجۇ شەھىرى 18 – نويابىر ‹‹گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ بەش ماددىلىق ئۆي سىياسىتى››نى ئېلان قىلدى. خەلق بانكىسى گۇاڭجۇ تارماق بانكىسى ماس قەدەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: ئۆي سېتىۋېلىش قەرز پۇلى سىياسىتىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش ئۈچۈن، 2 – يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغۇچىلار تۇنجى قېتىمدا تۆلەيدىغان پۇل ئۆي پۇلىنىڭ %70ىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك، دېدى.

  بۇ قېتىمقى تەڭشەش – تىزگىنلەش تەدبىرىدە گۇاڭجۇ شەھىرى ئالدى بىلەن ئوتتۇرا، تۆۋەن باھادىكى تاۋار ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەشنى تېزلىتىش، يۇقىرى باھادىكى تاۋار ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەشنى تىزگىنلەش، تۇرالغۇغا ئىشلىتىدىغان يەر تەمىناتىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. يەر بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، گۇاڭجۇ شەھىرى 2013 – يىلى تۇرالغۇغا ئىشلىتىدىغان يەر ئەمەلىي تەمىنات مىقدارىنى ئىلگىرىكى بەش يىلدىكىدىن %20تىن كۆپرەك ئاشۇرغان ھەم 2013 – يىلى 31 – دېكابىردىن بۇرۇن گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ 2014 – يىللىق تۇرالغۇغا ئىشلىتىدىغان يەر تەمىناتى پىلانىنى ئېلان قىلىش، 2014 – يىلى تۇرالغۇغا ئىشلىتىدىغان يەر تەمىنات مىقدارىنى 2013 – يىللىق پىلاندىكىدىن كېمەيتمەسلىكنى قارار قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر