- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تاشقى ئىقتىسادتا كۆپ تەرەپ ئورتاق غەلىبە قازىنىش كېرەك
2013.11.26 16:56 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي مىقدارى 1978-يىلى دۇنيا بويىچە 29-ئورۇندا تۇرغان بولسا، 2012-يىلى 2-ئورۇنغا ئۆتتى؛ ئۇدا بىرقانچە يىل چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاستە مەبلىغىنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ قالدى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 35 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىپ، ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكىچە بولغان ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى خو جيەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتى ئۆز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، سودا جەھەتتە ھەمكارلاشقۇچى ئاساسلىق دۆلەتلەر خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى. (ۋاڭ كې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر