باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك يوللانغان

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

2013.11.26 16:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ ۋېي 25 – نويابىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارغا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. بۇ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىسلاھاتنى توختىتىپ قويماسلىق، ئېچىۋېتىشتە توختاپ قالماسلىق›› توغرىسىدىكى سۆزىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئاساسىي نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇش، 3 – ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئىدىيەسى ۋە مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، 3 – ئومۇمىي يىغىن روھى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رولغا ئىگە.

  ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇھىم پەيتىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇرغىسىنى چالدى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار دەرھال ھەرىكەتلىنىپ ۋە تەشكىللىنىپ، مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 3 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنىنى قوزغىشى كېرەك.

  3 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاۋۋال يىغىن قارارىنىڭ ئەسلىي تېكىستىنى پىششىق ئىگىلەش كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹قارار››دا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ۋەزىپە ۋە نىشانى كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى شەرھلەندى، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە بىر قاتار مۇھىم يېڭىلىقلار قولغا كەلتۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى ۋە ‹‹قارار›› توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا، بىر قاتار يېڭى ئىدىيەۋى قاراشلار ئارقىلىق پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان تونۇشى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسىگە ئىگە قىلىندى. ‹‹قارار›› ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ھەم ‹‹قارار›› توغرىسىدىكى ئىزاھاتنىڭ ئەسلى تېكىستىنى سۆزمۇ سۆز ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ ئۆگىنىشى كېرەك. پويىزنىڭ تېز مېڭىش – ماڭالماسلىقى پاراۋۇزنىڭ تارتىش كۈچىگە باغلىق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما ۋە يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، زۆرۈرلۈكى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك. ئىلگىرىلەش ئېڭى، پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، رەھبىرىي كادىرلار يەنە ئۆز رايونى، ئۆز ئورنى، ئۆز تارمىقىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئاممىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى زېممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش كېرەك. رايونلار، تارماقلار 3 – ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى پارتىيەنىڭ 18 – قۇرۇلتاي روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يىغىن روھىنى ئۆز رايونى، ئۆز ئورنى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش جەريانىنى ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  3 – ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، شىجائەت بىلەن ئىلگىرىلەش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر