باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەنكې، فۇلى قاتارلىق 45 ئۆي ـ زېمىن تەرەققىيات كارخانىسىنىڭ 3 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن قىممىتىدىكى يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

2013.11.26 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ھەپتىلىك سۈپەت تەكسۈرۈش دوكلاتى»دىن خەۋەر بېرىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر مۇنچە ئۆي ـ زېمىن شىركەتلىرىنىڭ يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باج سوممىسىنىڭ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە نۇرغۇنلىقىنى بايقىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2005-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان 8 يىل ئىچىدە ئۆي ـ زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تۇرۇپ تاپشۇرمىغان يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 800 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن، پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان 45 ئۆي ـ زېمىن كارخانىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك غايەت زور قوشۇلما قىممەت بېجىنى تاپشۇرمىغان، بۇنىڭ ئىچىدە سوخو، جۇڭگو، فۇلى، ۋەنكې، خېرىدار چاقىرىش ئۆي ـ زېمىن گۇرۇھى، خېشىڭ ئىجادىيەت گۇرۇھى، جېندى گۇرۇھى قاتارلىق داڭلىق ئۆي ـ زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى باشتا تۇرغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە پاي چېكى تىزگىنلىنىدىغان ياجۇلې ئۆي ـ زېمىن چەكلىك شىركىتىنىڭ قەرزى 8 مىليارد 300 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن.

  كارخانىغا نەپ يەتكەن بىلەن دۆلەت، خەلققە زىيان يېتىدۇ، يەر قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىشتا شۇنچىلىكمۇ ئىقتىدارسىزلىق قىلىنامدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق بولسا دۆلەت باج پۇلى ئاسانلار بىكارغا كېتىش بىلەن قالماي، بەلكى باج ئېلىشتا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدۇ، دەپ قارايدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر