11-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2014-يىللىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانى باشلاندى، 1 مىليون 520 مىڭ كىشىى يېزىقچە ئىمتىھان مەيدانغا قاتناشتى، بۇ يىل 11 مىڭ 729 مەمۇرلۇق خىزمەت ئورنىغا ئادەم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن ھەر بىر ئورۇنغا 130دىن ئادەم توغرا كەلدى.
2013-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا مىڭدەك ئادەم ئاز قوبۇل قىلىنىدۇ، تىزىملىتىش ۋاقتىمۇ بىر كۈن قىسقا، لېكىن تىزىملىتىشنىڭ باس-باسلىقى بۇلتۇرقىدىن ئازراقمۇ قېلىشمايدۇ. 2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىكى ئەڭ كۆپ ئادەم تىزىملاتقان خىزمەت ئورنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىككى ئادەم قوبۇل قىلىنىدىغان «1-تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك ئەزاسى ۋە ئەزالىرى» خىزمەت ئورنى بولۇپ، «مىڭدىن بىرنى تاللايدىغان» ۋەزىيەت شەكىللەندى. 2012-يىلى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باسقۇچىدا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىر ئادەم قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنىغا 1015 كىشى تىزىملاتقان بولسا، بۇ يىل دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىكى خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلار 4000غا يېقىنلاشتى. كەسىپ دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، شەرتنىڭ تۆۋەنلىكى تىزىملاتقانلارنىڭ بەك كۆپ بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە، 2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئاخىرلاشقانغا قەدەر، 106 خىزمەت ئورنىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان ياكى سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ھېچكىم ئۆتەلمىگەن. بۇنىڭ كۆپ قىسمى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپ خىزمەت ئورۇنلىرى ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى