باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش ياشانغانلار ۋە ئەمگەك كۈچى، جامائەت بايلىقى تەمىناتى-تەلىپىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

2013.11.18 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇشى خېلى تەسىر قوزغايدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر جىنەندىن بەرگەن خەۋىرى: 17-نويابىر جۇڭگو نوپۇسشۇناسلىق جەمئىيىتى بېيجىڭدا «نوپۇسشۇناسلىق ساھەسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى» ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر دۆلىتىمىزنىڭ يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنىڭ زۆرۈرلىكى، رولى ۋە دۇچ كېلىدىغان خىرىس قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

  «1980-يىلىدىن باشلاپ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بىر بالىلىق بولۇشنى تەشەببۇس قىلغاندىن باشلاپ، 1988-يىلىغا بارغاندا يېزىلاردا بىر يېرىم بالىلق بولۇش سىياسىتى، ئاندىن يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىگە قەدەر، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ باردى.» دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پېيئەن يالغۇز پەرزنتلەر ئىككى بالىلىق بولسا بولىدىغان بۇ يېڭى سىياسەت پەقەتلا تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى زور بىر تەدبىر، ئۇنىڭدىكى ئاخىرقى نىشان نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولۇشتۇر.

  يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلسا دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي يىغىندى تۇغۇلۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قايتا ئۆرلەيدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا قايتا ئۆرلەش تېز بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1.8 دىن ئېشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن كۆرسەتكەن جۇغلانما تەسىر تۈگىگەندىن كېيىن، تۇغۇلۇش نىسبىتى 1.6ـــ1.7 ئەتراپىدا بولىدۇ.

  ئەگەر ئىككى بالىلىق بولۇش بىراقلا يولغا قويۇلسا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جۇغلانما ئۈنۈمنىڭ تەسىرىدە تۇغۇلۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، ئالمىشىش سەۋىيەسىدىن زور ھالقىپ، تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە نوپۇس ئومۇمىي سانىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا پايدىسىز.

  (لى شياۋخۇڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر