شىنخۇا تورىنىڭ 2013-يىلى 5-نويابىر بەرگەن خەۋىرى: 603 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى 11.88 توننىغا يېقىن پىل چىشىنى ئەتكەس قىلغان ئىككى كاتتىباش شيامېندا قولغا چۈشتى. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز تاموژنىسى قولغا چۈشۈرگەن ئەڭ چوڭ پىل چىشى ئەتكەس قىلىش دېلوسى بولۇپ قالدى.
ئىككى شايكا شيامېن ئارقىلىق 11.88 توننىغا يېقىن پىل چىشى ئەتكەس قىلغان بولۇپ،باھاسى 603 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز تاموژنىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ئەڭ چوڭ پىل چىشى ئەتكەس قىلىش دېلوسى ھېسابلىنىدۇ.
چېنx باشچىلىقىدىكى شايكا 4 تۈركۈمدە جەمئىي 2154 پىل چىشى ۋە پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇم ئەتكەس قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 7.68 توننا، قىممىتى 378 مىليون يۈەن كېلىدۇ؛ ليۇx باشچىلىقىدىكى پىل چىشى ئەتكەسچىلىك شايكىسى1034پىل چىشى ئەتكەس قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى4.2 توننىغا، قىممىتى 225 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
تۈنۈگۈن، شيامېن تاموژنىسى ئىككى ئالاھىدە چوڭ شايكىنىڭ پىل چىشى ئەتكەس قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، ئافرىقىدا مالنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئادەم ياللاپ مالنى يوشۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئاشكارىلىدى.
مەنبە: خەلق تورى