باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان سىياسەت تەدبىر ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر

2013.11.05 15:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى- پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسى تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسلىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان سىياسەت تەدبىر ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. 30-ئۆكتەبىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇكەممەل ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش شەكلى بىلەن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسى تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىخەتەرلىك تورىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتى نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر شۇنداقلا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا 11-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ بەش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ، قىسمەن ئۆلكە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. 31-ئۆكتەبىر دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىندا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  بۇ قېتىقى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى -جايلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرتىپنى ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مەبلەغ ۋە خادىملار كاپالىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر