باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشغا جىددىي تەدبىر كۆرۈش لايىھەسى: قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەندە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرىدا دەرس توختىتىلىدۇ

2013.10.18 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى«بېيجىڭ ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشىغا جىددىي تەدبىر كۆرۈش لايىھەسى»نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىدى، ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىش تۆت سىگنالغا مۇناسىپ دەرىجىگە بۆلۈنۈپ، يىنىكتىن ئېغىر تەرتىپ بويىچە 4-دەرىجىلىك، 3-دەرىجىلىك، 2-دەرىجىلىك ۋە 1-دەرىجىلىك دەپ ئايرىلىپ، ئۇ كۆك، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قىزىل رەڭ بىلەن كۆرسىتىلدى. 1-دەرىجىلىك سىگنال بېرىلگەندە «ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، ئىش توختىتىش، قويۇپ بېرىشنى توختىتىش، كۆيدۈرۈشنى توختىتىش، ماشىنىنى توختىتىش، دەرس توختىتىش ۋە يوللارنى تازىلاش» قاتارلىق «ئالتە توختىتىش، بىر تازىلاش» تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى لى يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ سىستېمىسى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشغا جىددىي تەدبىر كۆرۈش لايىھەسى بىلەن مۇناسىپلاشتۇرۇپ، ھاۋا بۇلغىنىشنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىسىگە قاراپ، ئوخشاش بولمىغان سىگنال بېرىدۇ، مۇناسىپ كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن، شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەنتەربىيە دەرسىنى توختىتىش، سىرتقى پائالىيەتنى توختىتىش ۋە دەرس توختىتىش لايىھەسىنى يولغا قويىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر