باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇ ۋېيچۈن: دالاي گۇرۇھىنىڭ «يۈكسەك ئاپتونومىيە»سى ماھىيەتتە «شىزاڭ مۇستەقىللىقى»نى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت

2013.10.18 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق بريۇسسېلدا رېيتېر ئاگېنتلىقى، يېڭى ياۋروپا ۋە ياۋروپا خەۋىرى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،ئۇلارغا جۇڭگونىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى. ئۇ ياۋروپا مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندا مۇنداق كۆرسەتتى: «دالاي گۇرۇھىنىڭ ئاتالمىش ‹يۈكسەك ئاپتونومىيە›سى ماھىيەتتە ‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›نى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، يەنى ئالدى بىلەن ‹ئاپتونومىيە›نى يولغا قويۇپ، ئاندىن ‹مۇستەقىللىق›نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇنداق ‹ئاپتونومىيە› بىزنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىمىزغا ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە خىلاپ، بۇ ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ».

  جۇ ۋېيچۈن سوئالغا ئاساسەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى--جۇڭگونىڭ ئاساسىي بىر سىياسىي تۈزۈمى، ئالدىمىزدىكى كەلگۈسىدە، بۇ تۈزۈم ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىلىرىدا ھەرقايسى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىغا قارىتا ناھايىتى تەپسىلىي بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان بولۇپ، ھەرقايسى مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ھەر مىللەت خەلقى ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈلگەن.

  جۇ ۋېيچۈن مۇنداق كۆرسەتتى: دالاي ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «يۈكسەك ئاپتونومىيە»نىڭ جۇڭگونىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى تۈزۈمى بىلەن ھېچقاندا ئالاقىسى يوق. ئۇنىڭ مەقسىتى شۇكى، «ئاپتونومىيە» ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بۆلگۈنچىلىك تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. ئاتالمىش «يۈكسەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپ كېلىدىغان بىر قىسىم بۆلگۈنچىلىك ئامىللىرىنى زورلاپ تېڭىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر