باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى مۇتەخەسسىسلىرى: بو شىلەي دېلوسى ئۈستىدە ئىككىنچى سوتتا سوت ئېچىش ياكى ئاچماسلىق نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشتىكى ئاساسىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ

2013.10.10 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2013-يىل 9-ئاينىڭ 22-كۈنى جاۋابكار بو شىلەينىڭ پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسى ئۈستىدە بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقارغان. سوت يېپىلغاندىن كېيىن، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش مۆھلىتى ئىچىدە، بو شىلەي بىرىنچى سوتتا چىقىرىلغان ھۆكۈمگە قايىل بولماي، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. 8-ئۆكتەبىر نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ئەرزنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان.

  نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغاندىن كېيىنكى ئەدلىيەلىك تەرتىپكە قارىتا، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى چېن ۋېيدۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بو شىلەي نارازىلىق ئەرزى سۇنغاندىكىن مۇقەررەر ھالدا ئىككىنچى سوت تەرتىپىنى باشلاپ، بۇ دېلو ئۈستىدە جەزمەن ئىككىنچى سوت ئارقىلىق ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. سوت ئېچىپ قاراپ چىقىش ياكى سوت ئاچماسلىق سۇنۇلغان نارازىلىق ئەرزىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. «ناۋادا نارازىلىق ئەرزى جىنايەت ئۆلچەشكە قارىتا سۇنۇلغان بولسا، ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى سوت ئاچمايدۇ؛ ئەگەر ئۇ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولۇپ، ھۆكۈم نەتىجىسىگە تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا، ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى سوت ئاچىدۇ. ئەگەر ھۆكۈم نەتىجىسىگە تەسىر يەتمەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا سوت ئاچسىمۇ-ئاچمىسىمۇ بولىدۇ.»

  جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى جاۋابكار نارازىلىق ئەرزى سۇنغان دېلونى قاراپ چىققاندا، جاۋابكارنىڭ جىنايى جازاسىنى ئېغىرلاتسا بولمايدۇ. (تيەن شىڭچۇن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 بوشىلەي  بو شىلەي 

ئالاقىدار خەۋەرلەر