باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن جايلاردا شەھەر-يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يىناق قىلىنىۋاتىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۇزاققىچە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ

2013.10.10 13:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭيىڭ شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ تۇڭلىڭ شەھىرى قاتارلىق جايلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەھەر-يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىنىقى باشلاپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنى ھەق تاپشۇرۇشتىن مۇلازىمەتكە ئېرىشكىچە بولغان جەرياندا ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن قىلىشقا تىرىشتى. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، بۇ مەزگىلدە قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

  ئالىدىغان تەمىنات ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەن، يېزا ئاھالىسى ئېرىشكەن نەپ كۆپ بولغان

  شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭيىڭ كەنتىدىكى پېشقەدەم دېھقان ۋەن سۈنيىڭ 2013-يىلى 4-ئايدا تۇيۇقسىز تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، دۇڭيىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانىدا كىرگۈزۈلمە ئۇسۇلدا داۋالانغان، بۇنىڭغا 55 مىڭ 705 يۈەن پۇل كەتكەن، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندا، ئۆزى پەقەت 16 مىڭ 978 يۈەننىلا تۆلىگەن، شەھەر-يېزا ئاھالىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن 38 مىڭ 727 يۈەننى ئاتچوت قىلىپ بەرگەن، ۋەن سۈنيىڭنىڭ بۇ قېتىمقى داۋالىنىش خىراجىتىنى شەھەر-يېزا ئاھالىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئاتچوت قىلغان، ئاھالىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئېرىشىدىغان تەمىناتى زور ھەجىمدە ئاشقان.دۇڭيىڭ شەھىرى 2012-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ شەھەر-يېزا ئاھالىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە ئورناتقان. «بىر تۈزۈم، ئىككى دەرىجە بولۇش، تەمىناتى ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىگە باغلانغان» تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈلۈپ، شەخسلەردىن يىغىلىدىغان پۇلنى ئىككى دەرىجە قىلىپ تاپشۇرىدىغان قىلدى، يەنى بىرىنچى دەرىجىدىكىسى ھەربىر كىشى يىلىغا 60 يۈەن، ئىككىنچى دەرىجىدىكىسى ھەربىر كىشى يىلىغا 120 يۈەن.

  دۇڭيىڭ شەھەرلىك ئىجتىماىي سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بۆلۈمىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يېڭى تۈزۈمدە بېرىلىدىغان تەمىنات ئۆلچىمى ئىلگىرىكى ئىككى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە بېرىلىدىغان تەمىناتتىن يۇقىرى. بۇنىڭ ئىچىدە، دېھقانلارغا بېرىلىدىغان تەمىناتنىڭ ئۆسۈشى روشەن بولدى: بالنىتسىدا يېتىپ داۋالانغانلارغا ئاتچوت قىلىپ بېرىدىغان نىسبەت جەھەتتە، ئىلگىرى يېزا-بازار دەرىجىلىك، ناھىيە-رايون دەرىجىلىك، شەھەر دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە سىرتىدا بالنىتسىدا ياتقاندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىرتۇتاش غەملەش فوندىدىن ئاتچوت قىلىپ بېرىدىغان نىسبىتى ئايرام-ئايرىم ھالدا %90، %70، %55، %50 ۋە %25 ئىدى، ھازىر بولسا بىرىنچى دەرىجىلىك، ئىككىنچى دەرىجىلىك، ئۈچۈنچى دەرىجىلىك بەلگىلەنگەن داۋالىنىش ئاپپاراتلىرىدا بالنىتسىدا يېتىپ داۋالانسا، ئەگەر بىرىنچى دەرىجىنى تاللاپ ھەق تاپشۇرغان بولسا، ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدىغان نىسبەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا %90، %75 ۋە %60 بولىدۇ، شەھەر سىرتىدىكى ئوخشاش دەرىجىلىك داۋالىنىش ئاپپاراتلىرىدا داۋالانغانلارغا شەھەر ئىچىدە داۋالانغانلارغا قارىغاندا 5 پىرسەنت پوئىنتى ئاز ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ، ئاتچوت قىلىپ بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى 30 پىرسەنت پوئىنتى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر ئىككىنچى دەرىجىنى تاللاپ ھەق تاپشۇرغان بولسا، دورا كاتالوگى بىردەك 2387 خىلغا كۆپىيىدۇ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش، سىرتقى يارا قاتارلىق جەھەتلەردىكى داۋالىنىش ھەققىمۇ كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر