خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-سېنتەبىر بېيجىڭ، ئايپەرى 3-نومۇرلۇق ئاي شارى ماشىنىسىغا يەرشارى بويىچە نام قويۇش پائالىيىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرلار يىغىنغا قاتناشقان ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋۇ ۋېيرېننى ئورىۋېلىپ زىيارەت قىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇروھى شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئايپەرى 3-نومۇرلۇق تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەسۋابى بۇ يىل 12-ئايدا شىچاڭ سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىلىدىكەن، ئامما 25-سېنتەبىردىن باشلاپ توردا دۆلىتىمىزنىڭ 1-ئاي شارى ماشىنىسى ـــ ئايپەرى 3-نومۇرلۇق ئاي شارى ماشىنىسىغا نام قويۇش پائالىيىتىگە ئەسەر قاتناشتۇرسا بولىدىكەن.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى