باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆينى رەنىگە قويۇپ كۈتۈنۈشنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ

2013.09.16 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گوۋۇيۈەن «كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر بىر نەچچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئۆينى رەنىگە قويۇپ كۈتۈنۈش»نى كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكىدە مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ بىر تەدبىرى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ناتونۇش ئاتالغۇ تېزلا جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن پىكىر تېمىسىغا ئايلاندى.ئەمەلىيەتتە «ئۆينى رەنىگە قويۇپ كۈتۈنۈش» «ياشانغانلار تۇرالغۇ ئۆيىنى تەتۈر يۆنىلىشلىك رەنىگە قويۇپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى» دېگەن گەپنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، ياشانغانلار تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا رەنىگە قويۇپ، قەرەللىك ھالدا كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغان ياكى ياشانغانلار ياتىقى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان، ئاخىرىدا ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا تەۋە بولىدىغان سۇغۇرتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «تەتۈر رەنىلىك قەرز» شەكلىدىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كۈتۈنۈش مەبلىغى مەنبەسىنى كۆپەيتىدىغان پۇل مۇئامىلە ئىجادىي تاۋىرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزدە، كۈتۈنۈش ۋاپادارلىق كاتېگورىيەسىگە تەۋە بولۇپ، «گو جۈنىڭ ئوغلىنى كۆمۈۋېتىشى»، «ۋاڭ شياڭنىڭ مۇزدىن بېلىق تۇتۇشى» دېگەن ۋاپادارلىق ھېكايىلىرىمۇ بار. ئالدىنقىسىدا گو جۈ بەك نامرات بولغاچقا، ئاتا-ئانىسىنى بېقىش ئۈچۈن ئوغلىنى تىرىك كۆمۈۋېتىدۇ؛ كېيىنكىسىدە ۋاڭ شياڭ ئاغرىق ئانىسىنى بېقىتىش ئۈچۈن مۇزدا يېتىپ بېلىق تۇتىدۇ. بۇ غەيرىي نورمال كۈتۈنۈش قارىشى ھازىرقى ۋەزىيەتكە نالايىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كۈتۈنۈش سىستېمىسىنى ياخشىلاشتىكى ئىككى يادرولۇق مەسىلىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ: بىرى، تۆلەش ئىقتىدارى يېتىشمىگەندە كۈتۈنۈشكە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ يەنە بىرى، قانداق قىلغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟ تۆلەشكە قادىر بولالمىغاندا «ماكانسىز تىلەمچى»گە، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلمىگەندە «چۆلدىكى باي»غا ئايلىنىپ قالىدىغان گەپ. مۇكەممەل كۈتۈنۈش سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆلەش ئىقتىدارى بىلەن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل