باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى خىزمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان 54 نەپەر جىنايەت گۇماندارى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ كېلىندى(3)

2013.08.01 14:47   مەنبە: خەلق تورى

جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى خىزمەتچىلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان 54 نەپەر جىنايەت گۇماندارى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ كېلىندى(3)

  ساقچىلار «16-ماي» دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف ئالدامچىلىق دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئايروپىلاندىن ئېلىپ چۈشمەكتە. (خەلق تورى مۇخبىرى ۋېڭ چىيۈ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، جۇڭگو بىلەن ھىندىنوزىيە ساقچىلىرى ھەمكارلىشىپ، «16-ماي» دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف ئالدامچىلىق دېلوسىنى غەلىبىلىك پاش قىلغان. 31-چېسلا، بۇ دېلودىكى 54 نەپەر جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارى ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

  مۇخبىر يەنە مۇنۇلارنى ئىگىلىگەن: بۇ قېتىم جۇڭگو-ھىندىنوزىيە ئىككى دۆلەت دۆلەت ساقچىلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، جاكارتا شەھىرىدە 4 تېلېگراف ئالدامچلىق جىنايەت ئۇۋىسىنى غەلىبىلىك بېتچىت قىلىپ، 63 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان (بۇنىڭ ئىچىدە 54 نەپەر جۇڭگولۇق، 9نەپەر تەيۋەنلىك بار)، دۆلىتىمىزگە چېتىشلىق غەلىبىلىك پاش قىلىنغان تېلېگراف ئالدامچىلىق دېلوسى 100گە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، چېتىلىش سوممىسى 40 مىليوندىن ئاشقان.

  بۇ يىل 5-ئايدا، ج خ ئورگانلىرى بەزى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ گېخۇا سىملىق تېلېۋىزىيەسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەبلىغىنى تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن، ئالدامچىلىق قىلىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلغان دېلولارنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت كومىسسارى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۇن يوليۇرۇق بېرىپ، تېزلىكتە پاش قىلىپ، قانۇن بويىچە جازالاشنى تەلەپ قىلغان. ج خ مىنىستىرلىقى تېزلىكتە بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مەخسۇس دېلو تەھقىلەشكە تەشكىللەپ، بىر ئايدىن كۆپ مەخپىي رازۋېتكا قىلىش ئارقىلىق، تېلېفون مەشغۇلات ئۇۋىسىنىڭ ھىندىنوزىيەدە، پۇل يۆتكەش-ئېلىش ئۇۋىسىنىڭ تەيۋەندە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. 5-ئىيۇل، ج خ مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ھىندىنوزىيەدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتكەن. 10 نەچچە كۈن ئۇدا تىرىشىش ئارقىلىق، ئاخىرى مەزكۇر جىنايەت شايكىسىنىڭ ھىندىنوزىيەدىكى تېلېفون مەشغۇلات ئۇۋىسىنى ئېنىقلىغان.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشنى س…
      ·بەش تارماق مائارىپتىكى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تۈزىدى
      ·فەن چاڭلوڭ قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەخمەتوف بىلەن كۆرۈشتى 
      ·كورىيە چەتئەلدە ئوقۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىش كاپالەت سوممىسىنى ئۆرلىتىۋەتتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپىنڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىش شەرت-شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى
      ·ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق 230 مىڭ ئوقۇغۇچى 300 نۆۋەتچى پويىزنىڭ ياردىمىدە يۇرتىغا بىخەتەر قايت…
      ·جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى 
      ·ئاسپىرانتلاردىن ھەق ئېلىشتا «قوش رېلس تۈزۈمى» بىكار قىلىنىدۇ
      ·ھەرقايسى دۆلەت بالىلىرى تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ
      ·مۇستەقىل تاللاشتا قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۇرس 1–تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ