باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياردەم-تولۇقلىما پۇللىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، «پاراۋانلىق چېرىكلىكى»نى قاتتىق بىر تەرەپ قىلايلى

2013.08.01 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «قائىدىگە خىلاپ ياردەم-تولۇقلىما پۇلى تارقىتىش قىلمىشىنى جازالاش بەلگىلىمىسى» بۈگۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

  مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «قائىدىگە خىلاپ ياردەم-تولۇقلىما پۇلى تارقىتىش قىلمىشىنى جازالاش بەلگىلىمىسى» 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار چۈشەندۈرۈلدى: مەزكۇر بەلگىلىمىدە دېيىلگەن ياردەم-تولۇقلىما پۇلى دۆلەت بىرتۇتاش بەلگىلىگەن ياردەم-تولۇقلىما پۇلى ۋە خىزمەت ياردەم پۇلى، تۇرمۇش تولۇقلىما پۇلى، پېسنىيەگە چىققانلارنىڭ تولۇقلىما پۇلى، ئىسلاھات خاراكتېرلىك تولۇقلىما پۇللىرى شۇنىڭدەك مۇكاپات، ماددى بۇيۇم، باھالىق ئاكسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «ئۆلچەمدىن ئارتۇق تۇرالغۇ جامەئەت فوندى پۇلى قويۇش»، «باھالىق ئاكسىيە، پۇل تۆلەش تالونى، ئالدىن تۆلەيدىغان سودا كارتىسى، ماددىي بۇيۇم قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ياردەم-تولۇقلىما پۇلى تارقىتىش» قاتارلىق 12 خىل ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىرراق بولغانلارغا، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزى جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارغا، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل