باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىشتىكى مەدەنىي ھەرىكەت ئەھدىنامىسى

2013.08.01 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىي، ئىناق ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ھەر بىر ساياھەتچىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. مەدەنىيەتلىك ساياھەتچى بولۇش بىز كۆپچىلىكنىڭ مەجبۇرىيىتى، تۆۋەندىكى ئەھدىنامىگە رىئايە قىلىشىمىز لازىم:

  1. مۇھىت تازىلىقىنى قوغداش. خالىغان يەرگە تۈكۈرمەڭ ۋە سېغىز تاشلىماڭ، قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماڭ، تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان سورۇنلاردا تاماكا چەكمەڭ.

  2. ئاممىۋى تەرتىپكە رىئايە قىلىش. ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماڭ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ، تەرتىپكە رىئايە قىلىڭ، يوللارنى توسۇۋالماڭ، جامائەت سورۇنلىرىدا ئۈنلۈك پاراڭلاشماڭ.

  3. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش. چىملىقلارغا دەسسىمەڭ، گۈل ۋە مېۋىلەرنى ئۈزمەڭ، ھايۋانلارنى قوغلىماڭ، ئۇرماڭ، قالايمىقان نەرسە بەرمەڭ.

  4. مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش. مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە ئويىماڭ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ئۈستىگە ياماشماڭ، رەسىمگە تارتقاندا بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىڭ.

  5. ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاسراش. مېھمانخانا لازىمەتلىكلىرىنى بۇلغىماڭ، بۇزماڭ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى بۇزىۋەتمەڭ، ئاچكۆزلۈك قىلماڭ، سۇ ۋە توكنى تېجەپ ئىشلىتىڭ، تاماقنى ئىسراپ قىلماڭ.

  6. باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش. چەت ئەللىك مېھمانلارنى رەسىمگە چۈشۈشكە زورلىماڭ، باشقىلارغا قاراپ چۈشكۈرمەڭ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئۇزۇق ئىگىلىۋالماڭ، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىڭ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

  7. كىشىلەرگە ئەدەبلىك مۇئامىلە قىلىش. پاكىز-رەتلىك كىيىنىڭ، ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆكرەك-بىلەكلىرىڭىزنى ئاچماڭ؛ قېرى، كىچىك، كېسەل، مېيىپ كىشىلەرگە يول بېرىڭ، ئاياللارغا يول قويۇڭ؛ قوپال گەپلەرنى قىلماڭ.

  8. ساغلام كۆڭۈل ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىش. فېئودال خۇراپاتلىق پائالىيەتلەرگە ئىشەنمەڭ، شەھۋەتخورلۇق، قىمار، زەھەردىن يىراق تۇرۇڭ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر