- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۇنيادىكى تۇنجى ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى بېيجىڭغا كېلىدۇ
2013.07.25 17:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 64-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالەم قاتنىشى يىغىنى (IAC) 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ــــ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىلىق ۋالېنتىنا تېرېشكوۋا يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
1963-يىلى، ۋالېنتىنا تېرېشكوۋا ئۆزى يالغۇز «شەرق 6-نومۇر» ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان، ئۇ يەرشارىنى ئايلىنىپ 71 سائەت ئۇچۇپ، دۇنيادىكى ئالەم بوشلۇقىغا چىققان تۇنجى ئايال ئۇچقۇچى بوپقالغان. ئۇ بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن.
(ۋڭ مىن، جوۋ مىڭياڭ خەۋىرى: جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم