- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسىنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى
2013.07.25 17:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بېيجىڭ زوئەن دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى لى نىڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: «نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئەيدىز كېسىلى ۋاكسىنىسى 2-قارارلىق كىلىنىكىدا سىناق قىلىش باسقۇچىغا كىردى. دۆلىتىمىز ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىيەلىنىش ۋاكسىنىسىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ بۇ مۇھىم تەتقىقات تېمىسىنى زوئەن دوختۇرخانىسى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 3-باسقۇچلۇق تەجرىبىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىلىنىكىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.»
(ۋاڭ جۈنپىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم