- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە نامزاتلارنى ئېلان قىلىش ۋە بېلەت تاشلاش باشلاندى
2013.07.16 18:03 مەنبە: خەلق تورى
بۇ يىل 4-ئايدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، باش سىياسىي بۆلۈم، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش-تەقدىرلەش پائالىيىتىنى باشلىغانىدى. جايلاردىكى ئاممىنىڭ بەس-بەستە نامزات كۆرسىتىشى ئاساسىدا، تەۋە رايون باشقۇرۇش، دەرىجىمۇ دەرىجە تەۋسىيە قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە باش سىياسىي بۆلۈمنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلاردا ۋە قىسىمنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىپ، ئەلالىرىنى تاللاپ تەۋسىيە قىلىشى ئارقىلىق، تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ 318 نەپەر رەسمىي نامزاتىنى بېكىتتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە