باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا پارتىيە ئەزالىرى 2 مىليون 905 مىڭغا يەتتى، ئايرىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەگە كىرىش مەقسىتى توغرا ئەمەس

2013.07.16 17:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جايلاردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرى 2 مىليون 905 مىڭغا، ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسى 86 مىڭ 788 گە يەتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمەت خىزمىتىدە ئاجىز ھالقىلار ساقلىنىۋاتىدۇ، بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ تۇتمايۋاتىدۇ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى سىستېمىلىق ئەمەس، تەربىيەلەش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇنىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس؛ خېلى كۆپ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلى بىرقەدەر ئاددىي، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس، ئايرىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەگە كىرىش مەقسىتى توغرا ئەمەس، ئاز سانلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ساپاسى يۇقىرى ئەمەس، تەشكىلىي ئىنتىزامى كۈچلۈك ئەمەس، ۋاھاكازالار. (يۈەن بو خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە