- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يۆلەش ئۈچۈن 40 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلدى
2013.07.16 17:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەز مالىيەسى يېقىندا 10 مىليارد 384 مىليون يۈەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەخسۇس مەبلىغى ئاجراتتى، بۇ ئاساسلىقى جايلارنىڭ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يار-يۆلەك بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئاۋۋال ئاجرىتىلغان 30 مىليارد 962 مىليون يۈەننى قوشقاندا، ھازىرغا قەدەر مەركەز مالىيەسى ئاجراتقان 2013-يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش مەبلىغى 41 مىليارد 346 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2012-يىلدىكىدىن ٪7 ئاشتى. مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى جايلاردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش سېلىنمىسىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەدبىر-سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. (لى لىخۈي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە