باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، «ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى بىرتۇتاش پىلانلايلى

2013.07.15 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، زۇڭلى لې كېچياڭ گۇاڭشىدا بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ماكرولۇق ئىقتىساد ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېنىق ھۆكۈم چىقاردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر يىل بېشىدا مۆلچەرلەنگەن مۇۋاپىق دائىرىدە تۇردى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلىدى، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش مۇقىم ئاساستا ئۆستى. لېكىن ئىقتىسادىي مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، پايدىلىق شارائىتمۇ، پايدىسىز ئامىللارمۇ تەڭ ساقلانماقتا، ئىقتىساد ھەم ئېشىش تۈرتكىسىگە، ھەم تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. بىزنىڭچە، بۇنداق شارائىتتا تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تەپەككۇرىدىن قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سىجىللىقى ۋە بىردەكلىكىنى ساقلاش، «ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى بىرتۇتاش پىلانلاش تېخىمۇ مۇھىم. (جاڭ لىجيا، لى چۈن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە