باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى نا ۋىمبولدون سېتكا توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى

2013.07.03 17:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن كەچتىكى ۋىمبولدون سېتكا توپ لەۋھە تالىشىش ئاياللار يەككە مۇسابىقىسىنىڭ 8 كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىدە جۇڭگولۇق سېتكا توپ ماھىرى لى نا 2گە قارشى 6 ۋە 0گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن ئىتالىيىلىك 11 نومۇرلۇق روبېرتا ۋىنچىنى شاللىۋېتىپ، كەسپىي ھاياتىدا 3- قېتىم ۋىمبولدون ئاياللار يەككە مۇسابىقىسىنىڭ 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىپ، يىللىق پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاران 55 مىنۇت داۋاملاشتى. 4 كۈچلۈك تاللىنىش مۇسابىقىسىدە لى نا رادۋانىسكا ۋە پىلوڭكىۋا ئىككېيلەن ئىچىدىكى يەڭگۈچى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. فرانسىيە سېتكا توپ ئاشكارە مۇسابىقىسىدە بالدۇرلا شاللىنىپ كەتكەندىن ۋىمبولدوندىكى مۇقىم يېڭىشكىچە لى نا چوڭقۇر ئويغا چۆمدى ھەمدە ئۆزى بىلەن ئۆچەكەشكەن مۇخبىرلارغا قارىتا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ سەلبىي خەۋەرلىرى مېنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى».

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە